ئىران ئەنگلىيە بىلەن نورۋېگىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران ئەنگلىيە بىلەن نورۋېگىيەنىڭ پايتەخت تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

1884375
ئىران ئەنگلىيە بىلەن نورۋېگىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەنگلىيە بىلەن نورۋېگىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى ماھسا ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەنگلىيە باش ئەلچىسى سىمون شېركلىفنىڭ (Simon Shercliff) «ب ب س پارسچە» ۋە «ئىران ئىنتېرناشىنېل» قاناللىرىنىڭ ئىرانغا قارشى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن مىنىستىرلىققا چاقىرىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇ خىلدىكى ئاخباراتلارنىڭ «ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» ۋە «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىلدى.

نورۋېگىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىگۋالد خاۋگېنىڭمۇ (Sigvald Hauge) نورۋېگىيە پارلامېنت باشلىقىنىڭ ئىراندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا قىلغا سكزلىرى سەۋەبىدىن مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىران پايتەختى تېھراندا 13-سېنتەبىر (2022) «ئەخلاق ساقچىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىرشاد چارلىغۇچىلىرى» تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ماھسا ئەمىنىنىڭ 16-سېنتەبىردە جېنىدىن ئايرىلىشى، دۆلەت مىقياسىدا نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ماھسا ئەمىنىنىڭ 17-سېنتەبىردە يۇرتى ساككىز شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن شەھەرلەرگە كېڭەيگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر