ئىراندا نامايىشلاردا ئونلارچە كشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

22 ياشلىق ماھسا ئېمىننىڭ «ھىجاب قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلاردا ھازىرغىچە 35 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1884008
ئىراندا نامايىشلاردا ئونلارچە كشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېھراندا 13 – سېنتەبىر كۈنى «ئەخلاق ساقچىسى» دەپ ئاتالغان ئىرشاد چارلاش ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ھوشىدىن كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماھسا ئېمىننىڭ 16-سېنتەبىر ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك باشلانغان نامايىشلارنىڭ دائىرىسى، ئاممىۋى تاراتقۇلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن ۋىلايەتلىرى، ناھىيەلىرى ۋە يېزا – قىشلاقلىرىغىچە كېڭەيگەن.

گەرچە ئىران دائىرىلىرى نامايىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ،  ئەمما دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، غەيرىي رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە  رەسمىي  دائىرىلەر تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر