ئافغانىستاندا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىدە بىر جامەدە جۈمە نامىزى ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا دىنىي ئالىم مەۋلىۋى مۇجىبۇرراخمان ئەنسارى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1875123
ئافغانىستاندا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋىلايەتلىك بايانات ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۈزەرگاھ جامەسى» دە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، «گۈزەرگاھ جامەسى» نىڭ ئىمامى ۋە تەبلىغچىسى دىنىي ئالىم مەۋلىۋى مۇجىبۇرراخمان ئەنسارى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا مەۋلىۋى مۇجىبۇرراخمان ئەنسارى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە پۇقرالارمۇ قازا قىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنسارىنىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى، جاۋابكارلارنىڭ تۇتۇلۇپ، جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېرداتتا ناھايىتى چوڭ بىر مەدرىسەنى باشقۇرىدىغان ۋە بۇ يەردە دەرسلەر بېرىدىغان ئەنسارى، تالىباندىن بۇرۇنقى دەۋردىمۇ پات - پات ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارىتا تەنقىدلىرى ۋە تالىباننى قىزغىن قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر