ئىراندا سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى

ئىراندا تېھران قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سۇ ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 76 گە چىقتى.

1862436
ئىراندا سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ھۈسەيىن نامى ئىرنا (İRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن يەتتە كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇنىڭ بىلەن، بىر ھەپتە ئىچىدە سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 76 گە چىققانلىقىنى، 16 كىشىنىڭ بولسا يوقاپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، 24 ئىشتاتنىڭ سەل ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 20 مىڭ ئۆيدە بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى؛ سەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلاردا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل دائىرىلەر، يامغۇرنىڭ توختىماي يېغىشى ئېھتىمالىغا قارشى پۇقرالارنى دەريا بيلىرىدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر