مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

مېكسىكانىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 ئادەم قازا قىلدى، 4 ئادەم يارىلاندى.

1831675
مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوراللىق زوراۋانلار پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر مېھمانخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقىرىشقا باشلىغان. ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق زوراۋانلار كېيىنچە مېھمانخانىغا ئوت قويۇۋەتكەن، ھەمدە مېھمانخانىغا تۇتاش ئىككى قاۋاقخانىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

ۋەقەدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئوت ئۆچۈرگەن، سەھىيە ئەترەتلىرى بولسا يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايونغا كۆپ ساندا دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇم، تەشكىللىك جىنايەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھېسابلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر