ياپونىيە فۇكۇشىمادا يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان فۇكۇشىمادا 5.4 بال يەر تەۋرىدى.

1814308
ياپونىيە فۇكۇشىمادا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇكۇشىمادا شۇ يەر ۋاقتى 08.16 ئۆتكەندە 5.4 بال يەر تەۋرىگەن.  يەر تەۋرەش يەردىن 93 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

شەرقىي ياپونىيە تۆمۈر يول شىركىتى تېز سۈرئەتلىك پويىزلارنىڭ يەر تەۋرەش سەۋەبلىك ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇكۇشىما، دايچى، داينى ۋە يەر تەۋرەش ھېس قىلىنغان ئىباراكى ئىشتاتلىرىدىكى «2-توكائى» يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدا بىنورماللىق كۆرۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر