سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن بېرىلگەن ساننى 1 مىليونغا يەتكۈزدى

سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىل ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن بىر مىليون زىيارەتچىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1809711
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن بېرىلگەن ساننى 1 مىليونغا يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ يىل ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن كېلىدىغان زىيارەتچىلەرگە قارىتا بېرىلىدىغان ساننىڭ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۈلۈشىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقى، بۇ يىل ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن مۇقەددەس جايلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ 65 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى، شۇنداقلا، «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسىنى ئەملەتكەن بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى، ھەمدە ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان ھەر بىر يولۇچىنىڭ، 72 سائەت ئىچىدە ئېلىنغان  «PCR (پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى) سىناق نەتىجىسى» نى كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىق يەنە، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ مۇقەددەس جايلاردىكى زىيارەتلىرى بويىچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشلىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشا بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، 2020 – يىلى پەقەت دۆلەت ئىچىدىن چەكلىك ساندىكى ھاجى نامزاتلىرىنىلا قوبۇل قىلغانىدى.

ئالدىنقى يىلىمۇ، دۆلەت ئىچىدىن 60 مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، چەت ئەلدىن ھېچكىمنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر