ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا يولى باشلاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا يولىدىكى مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭمۇ بۇ يولدا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1798084
ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا يولى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «پىرېزىدېنت زېلېنسكىيغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەردىم. ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى يولى باشلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ يولدا ئىلگىرىلەيدۇ» دېدى ۋە بۇ ۋاقىتلاردا، غايىلىك، قەيسەر ھەمدە چىدامچان بولۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، زېلېنسكىيغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى تەستىقلىغان ماكرو مالىيە ياردىمىنىڭ 300 مىليون ياۋرولۇق ئىككىنچى قىسمىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنانىڭ باتۇر خەلقى ھازىر بۇ پۇلغا ئېھتىياجلىق. بۇ مەنىسىز ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ مالىيەسىگە ياردەم قىلىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا 24-فېۋرال رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى باشلانغاندىن كېيىن، 28-فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەزالىق ئىلتىماسى ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن پىكىر تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر