نىگېردا مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلىندى

نىگېرنىڭ مالى چېگراسىغا قىلىنغان ۋە 69 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلىندى.

1729856
نىگېردا مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالكاچى ئەلھادا، دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا،  2-نويابىر  كۈنى، تىللابېرى رايونىنىڭ ئاداب-داب يېزىسىنىڭ نامەلۇم قوراللىق تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا مەزكۇر يېزا قاراشلىق بولغان بانىبانگۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 69 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم، بانىبانگۇ ناھىيەسىدىن بىر ھەيئەت مەزكۇر يېزىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئامانلىق ساقلىغۇچىلارمۇ بار ئىكەن، ھۇجۇمغا چېتىشلىق 9 كىشىنى ئاختۇرۇش - تۇتۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

نىگېر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 69 كىشى قازا قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بۈگۈندىن باشلاپ 48 سائەتلىك مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، تىللابېرى رايونى، ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ساھېل تارمىقىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

قوشنا دۆلەت مالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورچى گۇرۇپپىلار، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېردا پات - پات ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر