قەندەھاردىكى فاتمىييە جامەسىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاندا تالىباننىڭ قەلئەسى دەپ بىلىنىدىغان جەنۇبتىكى قەندەھار ۋىلايىتىدىكى شىئەلەرنىڭ فاتىمىييە جامەسىگە بومبا ھۇجۇمى قىلىندى.

1720206
قەندەھاردىكى فاتمىييە جامەسىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ قەندەھار ۋىلايىتىدىكى شىئەلەرنىڭ فاتىمىييە جامەسى جۈمە نامىزى ۋاقتىدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا، نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە يارىلاندى.

جامەنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىمى مۇرتازا زارىفىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. جامەدە جۈمە نامىزى ۋاقتىدا بومبا پارتلىغان.

 تالىبان ھۇجۇم يۈز بەرگەن جامەگە بارىدىغان بارلىق يوللارنى تاقىدى.

ئۆتكەن ھەپتىمۇ شىمالدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە شىئەلەرنىڭ بىر جامەسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا 46 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر