ئەنگلىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئەنگلىيەنىڭ پىلىموس شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا زوراۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1690616
ئەنگلىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېۋون ۋە كورنۋال ساقچىلىرى، پىلىموس شەھىرىنىڭ كەيخام رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا قوراللىق گۇماندارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

باياناتتا، ۋەقەدە 2 ئايال  2 ئەر ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى بولغان ئەرنىڭ ئوق تېگىپ يارىلىنىش سەۋەبىدىن نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئوقنىڭ نىشانى بولغان ۋە نەق مەيداندا داۋالانغان بىر ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زوراۋاننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ تېررورىزم بىلەن چېتىشلىقىنىڭ يوقلۇقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى پرىتى پاتېل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىلىموس شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ھەممە كىشىنى سوغۇققان بولۇشقا، ساقچىلارنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر