ئامېرىكادا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ كولورادو سپىرىڭس (Colorado Springs) شەھىرىدە بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ۋەقەدە، گۇماندارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1637239
ئامېرىكادا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ كولورادو سپىرىڭس (Colorado Springs) شەھىرىدە بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ۋەقەدە، گۇماندارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئالتە كىشىنىڭ ئۆلۈك ھالدا ئىكەنلىكىنى، يارىلانغان بىر كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا جېندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇماندارنىڭ ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان بىر كىشىنىڭ ئوغۇل دوستى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر