ئامېرىكا كونگرەسى ئەتراپىدا پاتپاراقچىلىق يۈز بەردى

ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا كونگرەسى جايلاشقان يەرگە يېقىن بىر جايدا چىققان ئوت، قىسقا ۋاقىتلىق پاتپاراقچىلىققا سەۋەب بولدى.

1566465
ئامېرىكا كونگرەسى ئەتراپىدا پاتپاراقچىلىق يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىلى 3-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پىرېزىدنېتلىققا سايلانغان جو بايدىن 20-يانۋار (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۈچۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان پايتەخت ۋاشىنگتوندا، كونگرە بىناسى ئەتراپىدا چىققان ئوت پاتپاراقچىلىققا سەۋەب بولدى.

كونگرە ئەتراپىدا ئىس-تۇمانلارنىڭ ئاسمانغا قاراپ ئۆرلىشى بىلەن، كونگرە ئەتراپىدا قاتناش توختىتىلدى. بايدىننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تەييارلىقلارمۇ يېرىم يولدا توختىتىلدى.

ئىس-تۇمانلارنىڭ، كونگرە ئەتراپىدا ئۆيسىز كىشىلەر تۇرىدىغان جايدىكى چېدىرلارغا ئوت كېتىشى سەۋەبىدىن چىققانلىقى بىلىنگەندىن كېيىن، ۋەزىيەت نورماللاشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر ۋەكىلى كرىستوفېر مىللېر (Christopher Miller) مۇراسىم ئۈچۈن ۋاشىنگتوندا تولۇق قوراللاندۇرۇلۇپ ۋەزىپىگە قويۇلغان 25 مىڭ دۆلەت مۇھاپىزەت قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ، بىخەتەرلىق تەكشۈرۈلۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر