بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى
بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 8 ئادەم قازا قىلدى.
1522328
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوئۇم رايونىغا جايلاشقان ئاربىندا شەھىرىدىكى بىر ئالتۇن كان ساھەسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى. زوراۋانلار يەرلىك خەلقكە ئائىت مال – مۈلۈكلەر ۋە ھايرانلارنى ئوغرىلاپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇركىنا فاسونىڭ مالى ۋە نىگېر بىلەن چېگراداش بولغان شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمى، ساھېل رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ پات – پات ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.
رايوندا، 2015 – يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 900 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان، بىر مىليونغا يېقىن كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.