بېلگىيەدە بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ «يۈرىكى» تېپىلدى
بېلگىيەنىڭ ۋېرۋىئېر شەھىرىدىكى بىر فونتاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا رايوننىڭ تۇنجى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ «يۈرىكى» تېپىلدى.
1484713
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1839- يىلى ۋاپات بولغان شەھەر باشلىقى پيېر داۋىدنىڭ بىر ساندۇق ئىچىدىكى شېشىگە قويۇلغان يۈرىكى ، 20 - ئاۋغۇست ئىشچىلار تەرىپىدىن تېپىلغاندىن كېيىن شەھەردىكى گۈزەل - سەنئەت مۇزېيىغا قويۇلدى.
قۇتىنىڭ ئۈستىگە «پىئېر داۋىدنىڭ يۈرىكى 1883- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى بۇ ئابىدىگە قويۇلدى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى قۇرغان كىشى دېگەن نام بىلەن تونۇلىدىغان پىئېر داۋىد، 68 يېشىدا يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغانىدى.