كانانادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

كانادانىڭ نوۋا سكوتا ئۆلكىسىدە بىر زوراۋاننىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا 16 كىشى قازا قىلدى.

1401619
كانانادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مەسئۇلى براندا لاكىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، نوۋا سكوتا ئىشتاتىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىن پورتاپىكۇ يېزىسىدا گابرىئېل ۋورتمان ئىسىملىك 51 ياشلىق زوراۋاننىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا،  خان جەمەتى ئاتلىق ساقچى قىسىملىرى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا تەكشۈرۈش  باشلانغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلانغان ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان كانادا باش مىنىستىرى  جاستىن ترۇدو، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر