سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۈرەك سانجىقى تۇتۇشى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى

سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال جەمال ئۆمەر جەنۇبىي سۇداندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشى سەۋەبىدىن 59 يېشىدا  ۋاپات بولدى.

1384694
سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۈرەك سانجىقى تۇتۇشى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان مۇستەقىللىق كېڭىشىنىڭ يازما باياناتىدا، سۇدان قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش دائىرىسىدە، جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ئۆمەرنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال جەمال ئۆمەر ئاغدۇرۇۋېتىلگەن سۇدان رەھبىرى ئۆمەر ئەل بەشىر مەزگىلىدە، ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە ھەربىي ئۆتكۈنچى كېڭەشنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر