بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەلەبنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەلەبنىڭ غەربى، ھەمدە جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كىچىك بالا ۋە بىر ئايالنى جېنىدىن جۇدا قىلدى.

1342761
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەلەبنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قوشۇنلىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار، ھەلەبنىڭ غەربىي ھەمدە جەنۇبىدىكى تۇرالغۇرلار بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنيەلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۈچ ئايروپىلانى، ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئەتارىپ ناھىيەسى بىلەن ئاين جەرا، كافار ناھا ۋە قاسىمىيە يېزىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان.

پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كافار ناھادا بىر كىچىك بالا ۋە بىر ئايال جېنىدىن ئايرىلغان.

ھەلەبنىڭ غەربىدە ئايروپىلانلارنىڭ كۆزىتىش ئۇچۇشلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر