ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1317479
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوڭيانىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، نامەلۇم قوراللىقلار جەلالئاباد شەھىرىدە ياپونىيەنىڭ « Peace Medical Service » ناملىق بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا  ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 5 خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ياپون دوختۇر تېتسۇ ناكامۇرا يارىلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋانلار رايوندىن قاچقان، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى زوراۋانلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات نانگخارخار ۋىلايىتىدە 2008 – يىلدىن بېرى سۇ ۋە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر