لوندوندا پىچاقلىق ھۇجۇم قلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا پىچاقلىق ھۇجۇم قلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى كىشى ئۆلدى.

1315084
لوندوندا پىچاقلىق ھۇجۇم قلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون ساقچىلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نېيل باسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوسمان خان ئىسىملىك زوراۋان 2012 – يىلقى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان بولۇپ، 2018 – يىلى دېكابىردا قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

بىرى ئايال بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككىسى ئايال ئۈچ كىشى يارىلانغان، « Fishmongers Hall » بىناسىدا مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك كونفېرانس باشلانغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن، كېيىنچە لوندون كۆۋرۈكىدە داۋاملاشقان، زوراۋان بۇ يەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ساقچىلار زوراۋاننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان، ھەمدە نەق مەيداندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زوراۋان 2012 – يىل فېۋرالدا لوندون كۆچمە مۈلۈك بورساسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقان، كېيىنچە قويۇپ بېىلگەن، ھەمدە ئېلېكترونلۇق ئېشكەل سىستېمىسى ئارقىلىق تەقىب قىلىنغان.

تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14 ئەتراپىدا 5 كىشىگە پىچاق سېلىۋەتكەن زوراۋان ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئكلتۈرۈلگەن، ساقچى تەرەپ زوراۋاننىڭ ئۈستىدىن يالغان پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر