ئىراندا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ئىراننىڭ شىمالىدىكى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە 5.9 بال يەر تەۋرەپ 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1302878
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي ئەزەربەيجانغا قاراشلىق تەرك شەھىرىدە يەرنىڭ تېگىدىن 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.9 بال يەر تەۋرەپ 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
گىلان، زەنجان، ئەردەبىل ۋە كازۋىن ۋىلايەتلىرىدىمۇ ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەش ئېغىر تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.