ھىندونېزىيەدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.

1276561
ھىندونېزىيەدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە كىلىمات ۋە گېئوفىزىكا تەتقىقات ئورگىنى، پايتەخت ئامبوننىڭ شەرقىي شىمالىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يەرنىڭ تېگىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6.8 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، رايون ئاھالىسىغا دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەن.

سائۇملاكى رايونىدىمۇ 22 – سېنتەبىر كۈنى 6.4 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنىدى.

مالۇكۇ ئۆلكىسىنىڭ تېرناتې رايونىدا 14 – ئىيۇل كۈنى 7.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر