كەربالادا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن قىستاقچىلىق نەتىجىسىدە 31 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېرىشى سەۋەبلىك ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

1267620
كەربالادا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەربالا ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ۋالىي نەسىف ئەلغۇتەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھەمدە ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ ماقۇللۇشى بىلەن كەربالا ۋىلايىتىدە ئاشۇرە پائالىيەتلىرى جەريانىدا يۈز بەرگەن قىستاقچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەربالدا تۈنۈگۈن ئاشۇرە مۇراسىمى جەريانىدا يۈز بەرگەن قىستاقچىلىق نەتىجىسىدە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 100 كىشى يارىلانغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن، ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى كەربالاغا يېتىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرگەن، ئارقىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ، يارىدارلارنى يوقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر