ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ نايمې (Naime) شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 54 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ۋە يەردىن 38.6 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1247761
ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى (USGS) نايمې شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 54 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، 38.6 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقى بولسا، يەر تەۋرەشنى 6.2 بال، چوڭقۇرلۇقىنى 50 كىلومېتىر دەپ ئېلان قىلدى.

 بىلدۈرۈلىشىچە، يەر تەۋرەش فۇكۇشىما ۋە مىياگى ۋىلايەتلىرىدىمۇ ھېس قىلىنغان، بىراق «دېڭىز تاشقىنى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنمىغان.

دۆلەتلىك ن ھ ك (NHK) تېلېۋىزىيەسى ئېلېكتىر شىركەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى رايوندىكى يادرو رېئاكتور قازانلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيەدە 2011-يىلى 11-مارت 9 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئارقىدىن يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى، فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا رادىياكتىپ ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. رايوندا ياشايدىغان ئونمىڭلارچە كىشى بۇ سەۋەبتىن ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر