سۈرىيەدە 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

سۈرىيەدە 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيىدا 1864 پۇقرانىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشقان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1228238
سۈرىيەدە 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتتا، 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 468 كىچىك بالا، 285 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1864 پۇقرانىڭ، ئۆزئارا توقۇنۇشقان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئارمىيەسى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورىستلاردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي قىسىملارنىڭ، 211 كىچىك بالا، 136 ئايال بولۇپ، جەمئىي 891 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 34 كىچىك بالا ۋە 21 ئايال بولۇپ، جەمئىي 149 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ 33 كىچىك بالا، 10 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 99 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا، 11 كىچىك بالا، يەتتە ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 82 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان. دائېشقا قارشى خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرىدا 20 كىچىك بالا، 17 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 64 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

قوراللىق ئۆكتىچىلەر ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىدا، 10 كىچىك بالا، بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان. كىملىكى نامەلۇم تەرەپلەرنىڭ ھۇجۇمىدا، 149 كىچىك بالا ۋە 93 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 540 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2019-يىلى يانۋاردا 197، فېۋرالدا 246، مارت ئېيىدا 334، ئاپرېلدا 324 ۋە ماي ئېيىدا 416، ئىيۇن ئېيىدا 347 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دوكلاتتا، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 15 نەپىرىنىڭ سەھىيە خادىمى، ئالتە نەپىرىنىڭ پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ پىدائىيلىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، 142 پۇقرانىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىيىن-قىستىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 17 نەپىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر