دۇنيا دۆلەتلىرى پارىژدىكى نوترېدەم كاتېدرالى ھەققىدە قايغۇلىرىنى ئورتاقلاشتى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا تارىخىي نوترېدەم كاتېدرالى (Notre Dame) دا چىققان ئوت ئاپىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

1184099
دۇنيا دۆلەتلىرى پارىژدىكى نوترېدەم كاتېدرالى ھەققىدە قايغۇلىرىنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز (Pedro Sanchez) تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «نوترېدەمغا ئوت كەتكەنلىكى فىرانسىيە ئۈچۈن ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئوت يالقۇنى 850 يىللىق تارىخنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلماقتا. بۇنى ئۇنتۇش ناھايىتى تەس بولىدۇ. فىرانسىيە بۇ چوڭ بايلىقنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا بىزنىمۇ ئويلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇزۇپپې كونتى (Giuseppe Conte) تۋىتتېردا فىرانسۇزچە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «فىرانسۇزلار ئۈچۈن، ياۋروپالىق بولغان ھەممىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ۋەيرانچىلىق بولدى» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پارىژدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئوي-خىيالىمىز فىرانسۇز دوستلىرىمىز بىلەن بىللە» دېدى.

ئاۋستىرىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېربېللېن (Van der Bellen) تۋىتتېردا: «پارىژدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان مەنزىرەلەر. ھەشەمەتلىك نوترېدەم كاتېدرالى كۆيۈۋاتىدۇ، ئوي-خىيالىمىز پارىژ بىلەن بىللە» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي تۋىتتېردا، ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقانلارنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تۇسك (Donald Tusk) تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن ھەممىمىز پارىژ بىلەن بىللە» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى يىن كلاۋۇد جانكېر (Jean-Claude Juncker) ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن نوترېدەم كاتېدرالىدا چىققان ئوت ھەققىدە مىنۇتمۇ مىنۇت ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «نېمە دېگەن قورقۇنچلىق مىنۇتلار، بارلىق فىرانسۇز خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىمەن» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى ئانتونىيو تاژانى (Antonio Tajani) ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقانلارغا جاسارەت، غەيرەت-شىجائەت تىلىدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ (Stoltenberg) بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئوي-خىيالىمىز، ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋولىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقانلار ۋە فىرانسۇز خەلقى بىلەن بىللە» دېدى.

ۋاتىكاننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، نوترېدەم كاتېدرالىغا ئوت كەتكەنلىكى، قاتتىق چۆچۈش ۋە چوڭقۇر قايغۇ پەيدا قىلغانلىقى، بۇ تىراگېدىيەلىك ئەھۋالغا قارشى كۈرەش قىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا: «پارىژدىكى نوترېدەم كاتېدرالىغا ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈش ناھايىتى قورقۇنچلىق. بەلكىم ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تىك ئۇچارلارنى ئىشلىتىش مۇمكىن ئىدى، تېز ھەرىكەت قىلىش كېرەك» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف جەۋادمۇ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «نوترېدەم كاتېدرالىنىڭ 800 يىل بويىچە ئۇرۇشلار ۋە يەر تەۋرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن ئىدۇق. ئوي-خىياللىرىمىز فىرانسۇزلار ۋە بارلىق كاتولىكلار بىلەن بىللە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر