رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى جېنىدىن ئايرىلدى

سۈرىيەدە «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىدىكى ئەل فاكى يېزىسىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، بىر ئائىلىدىن بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

1167852
رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (21-مارت) سەھەردە ئىدلىبنىڭ غەربى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى يېزىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى.

ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە، «بۈگۈن كەچتە شۇ يەر ۋاقتى 01:00 دە لازقىيەدىكى ھىمەيمىن بازىسىدىن رۇسىيەنىڭ ئالتە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇپ كېلىپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقى» نى ئېلان قىلىندى.

پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاڭ ئاتقىچە داۋاملاشقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر ئائىلىدىن ئاتا ۋە تۆت بالا بولۇپ بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتى خادىملىرى خارابىلىق ئاستىدىن مەزكۇر ئائىلىنىڭ يارىلانغان ئانىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار بۇ يىل (2019) نىڭ بېشىدىن تارتىپ سوچى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا، «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» ئىچىدىكى تۇرالغۇلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 152 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 445 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىگە قارىماي ھۇجۇملىرىنى داۋام قىلماقتا. ئاستانا كېلىشىمى بويىچە بولغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى 2018-يىل 17-سېنتەبىر ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 2018-يىل 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بېكىتىلگەن رايونلاردىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر