يېڭى زېلاندىيەدە بىر جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ چىرىسچورچ شەھىرىدە قوراللىق كىشىلەرنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1163815
يېڭى زېلاندىيەدە بىر جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق زوراۋانلارنىڭ چىرىسچورچ شەھىرىنىڭ ھاڭلېي باغچىسى رايونىغا جايلاشقان جامەدە جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقانلارغا ئوق چىقىرىشىنىڭ، زوراۋانلاردىن بىرى تەرىپىدىن ئاممىۋى تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن تارقىتىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا جامەدە 200 كىشى جۈمە نامىزى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار ئۈچى ئەر، جەمئىي 4 كىشى قولغا ئېلىنغان.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ.»

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «لېىن پېنېھا» ئىسىملىك بىر شاھىت، قارا كىيىملىك بىر ئادەمنىڭ «ئەننۇر جامەسى» گە بېسىپ كىرىپ،  جۈمە نامىزى ئۆتەۋاتقانلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، جامەدە پاتپاراقچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى، جامەدىكىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىچكىرى كىرگىنىدە، «ھەممە يەردە ئۆلگەن ئىنسانلار» نى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.

يەرلىك تاراتقۇلار، ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 49  كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 20 سى ئېغىر، 48 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندىكى مەكتەپلەر تاقالغان، خەلقنىڭ جامەلەردىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان، جامەلەرنىڭمۇ ۋاقىتلىق تاقىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر