بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكلى تۇرالغۇ رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىدىكى تۇرالغۇلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

1152888
بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكلى تۇرالغۇ رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار، ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن ۋە سېراكىب ناھىيەلىرىگە، ھاما ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا جايلاشقان لاتامىنە ۋە كەفەر زىتا ناھىيەلىرىگە توپ بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلماقتا.

ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مۇستافا ھاج يۇسۇف بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ بۈگۈن (26-فېۋرال) ئەتىگەندىن باشلاپ ئىدلىب ۋە ھاما ۋىلايتىدىكى پۇقرالار تۇرالغۇلىرىنى توپ بىلەن قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى چېگرالىرى ئىچىدىكى خان شەيخۇنغا قىلغان ھۇجۇملاردا 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.»

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا بۇ يىل (2019) نىڭ بېشىدىن باشلاپ قىلىۋاتقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 94 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 290 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سوچى كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ھۇجۇملىرىنى توختاتمىدى.

ئاستانا كېلىشىمى رامكىسىدا، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

قوراللىق ئۆكتىچىلەر 2018-يىل 17-سېنتەبىر ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە 2018-يىل 10-ئۆكتەبىر بېكىتىلگەن رايوندىن ئېغىر تىپلىق قوللارنى چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر