ئىران كېلەر ھەپتە 2 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدۇ
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان راكىتالار ئارقىلىق كېلەر ھەپتە ئالەم بوشلۇقىغا 2 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رەفسەنجانى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 2 – يىلىدا پايتەخت تېھراندا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەندى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا رەفسانجىنىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىدىن باشقا يەنە دىنىي رەھبەرلەر ۋە سىياسەتچىلەرمۇ قاتناشتى. ھەسەن رۇھانى مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، بۈگۈنكى ئىراننىڭ مۇداپىئە كۈچى ۋە يېڭى شۇنداقلا ئوتتۇرا سەۋىيەلىك تېخنىكىسىنىڭ رەفسانجانىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «كېلەر ھەپتە ئالەم بوشلۇقىغا ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان راكىتالار ئارقىلىق 2 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىمىز» دېدى.
ھەسەن رۇھانى رەفسانجانىنىڭ تەڭداسىز بىر سىياسىي رەھبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رەفسانجانى 2017 – يىلى 8 – يانۋاردا سۇ ئۈزۈش كۆلىدە ۋاپات بولغان ئىدى. دسلەپتە ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ يۈرەك سانجىقى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىراق ئالدىنقى ھەپتە رەفسانجانىنىڭ قىزى فەتما ھاشىمى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، دادىسىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان گۇمان بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
فەتما ھاشىمى: «دادامنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن» دېگەن ئىدى.