بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنىڭ سوچىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىدلىبتىكى بەزى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1108544
بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار سوچىدا ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇشىغا قارىماي، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى «جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىش رايونى» چېگراسى ئىچىگە مەخپىي كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كېچە ۋاقتىدا ئىدلىبنىڭ شەرقىگە جايلاشقان قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەل كەتىبە ۋە ئەل مەھجۇرە ئالدىنقى سېپىغا قىلغان ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلگەن.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتلىك ئەركىنلەشتۈرۈش سېپىنىڭ باياناتچىسى ناجى مۇستافا: «بەششار ئەسەد قىسىملىرى بەزى ئالدىنقى سەپ لىنيەلىرىگە مەخپىي كىرىش ھەرىكىتى باشلىدى. قارشىلىق كۆرسىتىپ چېكىندۈردۇق. بەششار ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ھامانىڭ شىمالىدا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۆكتىچىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنى ئېتىپ چۈشۈردى»دېدى.

ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش ھەرىكىتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ھاج يۇسۇف بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى توپ بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئوخشىمىغان جايلار بومباردىمان قىلىندى. ئىدلىبنىڭ غەربىدە بەش كىشى بومباردىماندا يارىلاندى. ئىدلىبنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى بەزى ناھىيەلەرمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دېدى.

سوچى كېلىشىمى ئىمزالانغان 17-سېنتەبىردىن بۇيان يۈز بەرگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرىدا، 33 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. ئۆكتىچىلەر 10-ئۆكتەبىردە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بەلگىلەنگەن رايوندىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر