«بىرى تەڭرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن»

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رورىگو دۇتېرتېنىڭ خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيەلىرىنى تەنقىد قىلىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

1008088
«بىرى تەڭرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رورىگو دۇتېرتېنىڭ خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيەلىرىنى تەنقىدىي نۇقتىدىن قاراپ سۆزلىگەن سۆزى مەملىكەت مىقىياسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

« abc» خەۋەر قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 73 ياشلىق دۇتېرتې تۈنۈگۈن داۋاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن بىلىم ۋە تېخنولوگىيە پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا، خىرىستىيانلىقتىا «يۇيۇنۇش ئىبادىتى»ئارقىلىقلا گۇناھتىن پاكلىنىشنىڭ لوگىكىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ناۋادا بىرى «تەڭرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى»ئىسپاتلىيالىسا دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى دېگەن.

رودرىگو دۇتېرتې ئۆتكەن ھەپتىمۇ بىر پائالىيەتتە تەڭرىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلغانىدى.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ سۆزلىرى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى رومەن كاتولىك مۇرىتلىرى بولغان فىلىپپىندە قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى.

ئۆكتىچىلەر، خىرىستىيان دىن ئۆلىمالىرى، ھەتتا بەزى سىياسىي ئىتتىپاقداشلىرىمۇ پىرېزىدېنت دۇتېرتېنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر