گېرمانىيە يەنە بىر قېتىم پ ك ك سەتچىلىكىگە يول قويدى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك تەرەپدارلىرى فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا چېدىر تىكتى.

904676
گېرمانىيە يەنە بىر قېتىم پ ك ك سەتچىلىكىگە يول قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك تەرەپدارلىرى فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا چېدىر تىكىپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ باردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ گېرمانىيەدە مەنئى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ رەسىمىنى ئىشلەتمەسلىكى، بىراق، پ ي د / پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ نىڭ سىمۋوللۇق لاتىلىرىنى چېدىرغا ئېسىشى دىققەتنى تارتتى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى سولچى پارتىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى پ ي د / پ ك ك تەرەپدارلىرىغا ساقچىلارمۇ مۇداخىلە قىلمىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چېدىرىغا تەكلىپ قىلىنغان گېرمانلار ۋە باشقا زىيارەتچىلەرگە تۈركىيەگە قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىپ بېرىلدى.

پ ي د / پ ك ك تەرەپدارلىرى زىيارەتچىلەردىن زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە ۋە گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرۇشنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر