«ئارزۇ-تەلەپلىرى ئورۇندالمىغان خەلقنىڭ قىيىنچىلىقلىرى كۆپ بولىدۇ»

ئىراننىڭ بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىھانگىر ئارزۇ-تەلەپلىرى ئورۇندالمىغان خەلقنىڭ قىيىنچىقلىرىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

884617
«ئارزۇ-تەلەپلىرى ئورۇندالمىغان خەلقنىڭ قىيىنچىلىقلىرى كۆپ بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىھانگىر ئارزۇ-تەلەپلىرى ئورۇندالمىغان خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق پىرېزىدېنت ئايەتۇللاھ ھاشىمى رافسانجانىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 1-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت تېھراندىكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان جىھانگىر، 2017-يىلى 28-دېكابىردا باشلاپ تەخمىنەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان نامايىشلار توغرىسىدا توختالدى.

جىھانگىر مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مەسىلىلىرى مەۋجۇت، مەملىكىتىمىزدە تالاش-تارتىشلار، ئەندىشىلەر ۋە نارازىلىقلارنىڭ بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئىران ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.»

جىھانگىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ ئارز-تەلەپلىرى چوقۇم ئورۇندىلىشى كېرەك، ئالاقە ۋە دىيالوگ يوللىرى ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولۇشى لازىم، بولمىسا نارازىلىقلار زوراۋانلىققا ۋە نەپرەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىراننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئامانلىقىغا زىيان سالىدۇ، دىيالوگ مەملىكەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىدىن بىرىدۇر.»

سابىق پىرېزىدېنت رافسانجانىنىڭ خەلقنىڭ مەسىلىلىرىنى چۈشىنىپ دەردىگە دەرمان بولىدىغان سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جىھانگىر، ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋە پارلاق دەۋىرىنىڭ پىرېزىدېنت رافسانجى ۋاقتىدا بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە 2017-يىلى 28-دېكابىردا بىر تۈركۈم نامايىشچى مال باھاسىنىڭ يۇقىرلىقى، ئىشسىزلىق، چىرىكلىككە ئوخشاش مەسىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن باشلانغان نامايىشلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.

تېھران،قىرمانشاھ، سەمەندەچ، زەنجان، شىراز، قۇم، ئەخۋاز، زاھىدان، ئەراق، ھۇررەم ئابادقا ئوخشاش نۇرغۇن شەھەرگە كېڭەيگەن ۋەقەلەردە 20دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1989-يىلدىن 1997-يىلغىچە ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، كېيىن ئامانلىق ۋە تەرتىپنى تەكشۈرۈش كېڭىشى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان رافسانجانى 2017-يىلى 8-يانۋاردا ۋاپات بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر