ھەلەبتىكى بىر بازارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 57 ئادەم ئۆلدى
سۈرىيەدە ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر بازارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 57 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبتىكى مەھەللىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرنىڭ غەربىي چېتىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئەتارىبتىكى بىر بازارغا ئۈچ قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان.
ئاق قالپاقلىقلار (پۇقراۋى قوغدىنىش) ئەترىتىنىڭ باشلىقى رائىد سالىھ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەلەبنىڭ غەربىي تاغلىق رايونى ئاستانا كېلىشىمى دائىرىسىدە كاپالەتچى دۆلەتلەر (تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران) تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن <ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونلىرى> چېگراسى ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
بۇ جەرياندا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون باياناتچىسى ئېرىك پاخون، «ھۇجۇمنى كىمنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. قولىمىزدا بۇ ھەقتە مەلۇمات يوق. شۇڭا رۇسىيە ياكى ھاكىمىيەتكە ئىشارەت قىلمايمىز» دېدى.