ھەلەب ئېغىر بومباردىمان قىلىندى

ھەلەپكە بۇ قېتىم ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 50 گە يېقىن كىشى يارىدار بولدى.

846656
ھەلەب ئېغىر بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى ئەتارىب رايونى بازىرىغا ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئاز دېگەندىمۇ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھەلەبنىڭ غەربىي تەرىپىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئەتارىب بازىرىغا 3 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان.

«ئىدلىب تۇقۇنۇشسىز رايون» دائىرىسىگە كىرىدىغان ئەتارىبتا ھۇجۇم ئەسناسىدا تەخمىنەن 100 گە يېقىن كىشسى بارلىقى ۋە بازاردا 50 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يارىدارلار ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى. ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترەتلىرى بومباردىماندا ئونلارچە ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆي خارابىلىقلىرى ئاستىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر