ھۇمۇس ۋىلايىتىدىن بۇ قېتىم 1800 كىشى ھەلەبكە يۆتكەلدى

ئالدىنقى قېتىم 400 نەپەر قوراللىق قوزغىلاڭچى بىلەن قوشۇلۇپ، تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

700132
ھۇمۇس ۋىلايىتىدىن بۇ قېتىم 1800 كىشى ھەلەبكە يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھۇمۇس ۋىلايىتى مەركىزىدە باششار قىسىملىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئەڭ كۆپ ئاياق ئاستى قىلىنغان ۋائىر رايونىدىن 2 – نۆۋەتلىك چوڭ خەلق كارۋىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلدى.

1800 كىشىدىن تەركىپ تاپقان 350 ئائىلە سۈرىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بەلگىلىگەن ئاپتوبۇسلار بىلەن رايوندىن ئايرىلىپ، ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى باب ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ۋائېردىن چىققان خەلق ئىچىدىكى 40 يارىدار سۈرىيە قىزىلئاي جەمئىيتىگە تەۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن يۆتكەپ كېلىندى.

ۋائېر رايونىدىن ئالدىنقى ھەپتىدىكى تۈنجى قېتىملىق خەلقنى يۆتكەش خىزمىتى جەريانىدا، 400 نەپەر قوراللىق قوزغىلاڭچى بىلەن قوشقاندا، تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا كىشى ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەرابلۇس ناھىيەسىدىكى لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر