ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا 1 تىرىليون دوللار كېتىدىكەن

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1 تىرىليون دوللار كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

685552
ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا 1 تىرىليون دوللار كېتىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «ئاسىيانىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش»ناملىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن 400 مىليوندىن ئارتۇق  كىشى توكتىن، تەخمىنەن 300مىليون كىشى پاكىز سۇدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشايدىكەن.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان 45 دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە چىرىكلىككە قارشى  تۇرۇش خىزمەتلەردە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، رايونغا يىللىق تەخمىنەن 63 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ، ھەر يىلى 250 مىليارد دوللار بولۇپ جەمئىي 1 تىرىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىشى كېرەك.

ئاسىيادىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىلىرىنىڭ %90نى دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلار  ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، خۇسۇسىي كارخانىلار  تېلېگراف ساھەسىگە بەكرەك مەبلەغ سالماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر