ئەلبابتا تۇرمۇش ئاستا - ئاستا رىتىمىغا چۈشۈشكە باشلىدى
دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان ھەلەبنىڭ ئەلباب ناھىيەسىدە خەلق تۇرمۇشىنى رىتىمغا چۈشۈرۈشكە تىرىشماقتا.
685494
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان ھەلەبنىڭ ئەلباب ناھىيەسىدە خەلق تۇرمۇشىنى رىتىمغا چۈشۈرۈشكە تىرىشماقتا.
ھەرىكەتلىنىش كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئەلبابنىڭ كوچا – كويلىرىدا، سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرىنى ئاچقانلىقى ۋە سەييارە بېنزىن ساتقۇچىلارنىڭ باكلاردا يېقىلغۇ سېتىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى.
مىنا ۋە پارتلاتقۇچلار تازىلىنىپ بولغان جايلارغا قايتقان سۈرىيەلىكلەر، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي – ماكانلىرىنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدىن نەرسە – كېرەكلىرىنى چىقىرىشقا تىرىشماقتا.