«ناتو ئەسلى نىشانىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ»

ئاق ساراي باياناتچىسى شېن سپايشېر ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ناتو قۇرۇلۇش نىشانىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

659037
«ناتو ئەسلى نىشانىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپايشېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى جېيمز ماتىسنىڭ «ۋاشىنگتون – ناتو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم» دېگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ترامپنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى توغرۇلۇق توختالدى ھەمدە ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ناتو غا ناھايتى كۆپ پۇل بېرىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە ناتو دىن ئېرىشكەن پايدىلىرىنىڭ ناھايتى ئازلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر ماتىسنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭ قانداق قىلغاندا ناتو ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىسلاھ قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق بەرگەن تەكلىپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئانالىش قىلىز لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن سپايشېر، ترامپنىڭ ناتو دىن خۇرسەن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېن ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن جېيمز ماتىسنىڭ، «ناتو ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم، جۈملىدىن ئامېرىكا ناتو دىن ۋاز كەچمەيدۇ» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا، ناتو نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پۇل چىقىم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر