جياڭشىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ۋەقە چىقتى
خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى فىڭچىڭ ۋىلايىتىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەقە چىقىپ، 40 ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
616727
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جياڭشى ئۆلكىسى فىڭچىڭ ۋىلايىتىدە بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا، يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش سۇپىسى بۆسۈلۈپ كېتىپ، 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
فىڭچىڭ ج خ ئىدارىسى خارابىلىق ئاستىدا قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن سەھىيە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقە فىڭچىڭدا شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە يۈز بەرگەن.