بېلگىيە تۈركلىرى چېدىر قۇرىدۇ

بېلگىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر تېررورىستلارنىڭ چېدىرىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرەسىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا چېدىر قۇرىدۇ.

461372
بېلگىيە تۈركلىرى چېدىر قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا كەڭ ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قانلىق يۈزىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان بېلگيە تۈركلىرى بىريۇسسېلدا چېدىر قۇرىدۇ. ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى (UETD) نىڭ بېلگىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى باسىر ھامارات، پەيشەنبە (31 – مارت) كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارشىسىدا چېدىر قۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەب بولغان ۋەيرانچىلىقلارنى خەلققە چۈشەندۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«پ ك ك ساقچىلىرىمىز ۋە ئەسكەرلىرىمىزنىلا شېھىت قىلمايۋاتىدۇ، ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئانا قورسىقىدىكى بوۋاقنىمۇ ساق قويمىدى. شەھەرلەردە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن خەلقنى ۋە پۇقرالارنى نىشانغا ئالدى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. يەنە كېلىپ، بۇنى بىرىنچى قېتىم قىلمىدى. يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە بىلدۈرۈش كېرەك» دېدى.

ئۇ چېدىرنىڭ ئۈستىگە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان ئەسكەر – ساقچىلار ۋە پۇقرالارنىڭ رەسىملىرىنى قويىدىغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ رەسىملرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تېررورلۇق قۇربان ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ، پ ك ك ۋە دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلارنىڭ رەسىملىرىنى يانمۇ يان قويۇپ كۆرسىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر