كامېرلار ئېتىلىپ ياكى تېشىلىپ كېتىدىغان دەۋر تارىخقا ئايلىنىش ئالدىدا
«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئېتىلىپ كېتىدىغان ئاپتوموبىل كامېرلىرىنىڭ تارىخقا ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
كامېرلار ئېتىلىپ ياكى تېشىلىپ كېتىدىغان دەۋر تارىخقا ئايلىنىش ئالدىدا
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنىڭ بىرى ئوت، يەنە بىرى چاقتۇر. چاق تارىخنىڭ بارلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۈگۈن كۈندە بىز يوللاردا كۆرۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ چاقلىرى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ئۇنىڭ ھازىرقى فۇنكسىيەسى، شۈبھىسىزكى، كىشىنى رازى قىلىدۇ. ئەمما، باشقا نەرسىلەرگە ئوخشاشلا، چاقمۇ يېڭى بىر ئۆزگىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا. قاتناش ۋاسىتىلىرىدا ئىشلىتىلگەن چاقلار قەدىمكى دەۋەرلەردە ياغاچ ۋە كاۋچۇكتىن ياسىلاتتى. ئەمما قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەجىمىي زورىيىپ، توشۇيدىغان يۈكلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياغاچ چاقلار فۇنكسىيەسىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىدى. كېيىنكى يىللاردا ياغاچنىڭ ئورنىنى تۆمۈر ئىگىلىدى. 18 - ئەسىردە كاۋچۇكنىڭ ياۋروپاغا يېتىپ بېرىشى بىلەن كاۋچۇكتىن ياسالغان پىلاستىك بىلەن قاپلانغان چاقلار ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلاندى. دەسلىپىدە ھاۋاسىز (يەلسىز)، كېيىنچە يەل بېرىلىدىغان شەكىلدە ياسالغان كامېرلار بىلەن، چاقلار سانائەت ۋە قاتناشنىڭ جان تومۇرىغا ئايلاندى.