روھىي يېڭىلىنىش مەزگىلى ھېسابلىنىدىغان ئۇلۇغ ئۈچ ئايلار ئەتە باشلىنىدۇ
رەھمەت، بەرىكەت ۋە روھىي يېڭىلىنىش مەزگىلى ھېسابلىنىدىغان رەجەپ، شابان ۋە رامىزان ئايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ ئۈچ ئايلار ئەتە (2025-يىلى 1-يانۋار) باشلىنىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنىي تۇيغۇ ۋە ئىبادەت جەھەتتىن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى سۈرۈشتۈرۈش، يېڭىلاش ۋە بېيىتىش پۇرسىتى بولغان بۇ ئۇلۇغ ئۈچ ئاي ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنىدۇ.
ئىسلام دۇنياسىدا رەھمەت ۋە بەرىكەتكە تولغان «ئۈچ ئاي» نىڭ باشلانغۇچى دەپ قارالغان رەغائىب كېچىسى 2 - يانۋار پەيشەنبە كۈنى يېتىپ كېلىدۇ.
ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۈچ ئاينىڭ بىرىنچىسىدە، يەنى رەجەپ ئېيىنىڭ تۇنجى پەيشەنبە كۈنىنى جۈمەگە ئۇلايدىغان كېچىدە يېتىپ كېلىدىغان رەغائىب كېچىسى «رەھمەت ۋە بەرىكەت كېچىسى» دەپ قارىلىدۇ.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلگەن كېچىسى دەپ قارالغان مىراج كېچىسى بولسا، 26 - يانۋاردا ۋە «رامىزاننىڭ خۇش خەۋەرچىسى» بولغان بەرات كېچىسى 13-فېۋرالدا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن «ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى» دەپ تونۇلغان رامىزان ئېيى 1 - مارتتا باشلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە «مىڭ ئايدىن ياخشىراق» دەپ تەرىپلەنگەن قەدىر كېچىسى 26 - مارتتا يېتىپ كېلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار 30 - مارتتا روزا ھېيتنى كۈتۈۋالىدۇ.