كاپادوكيانى 3 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى زىيارەت قىلدى
تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى بولغان نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ كاپادوكيا رايونىدىكى مۇزېيلار ۋە خارابىلىكلەرنى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە 3 مىليون 53 مىڭ 827 ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەۋشەھىر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەرىباجالىرى (پەرى تۇرخۇنلىرى)، ئىسسىق ھاۋا شارلىرى، يەر ئاستى شەھەرلىرى، قىيالىقلارغا ئويۇپ ياسالغان مېھمانسارايلىرى ۋە چېركاۋلىرى بىلەن داڭلىق كاپادوكيا رايونىدىكى ساياھەت مەركەزلىرىنى بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 3 مىليون 53 مىڭ 827 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان.
نەۋشەھىر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىغا قاراشلىق مۇزېيلار ئىچىدە ھاجىبەكتاشى ۋەلى مۇزېيىنى 285 مىڭ 200 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مۇزېي ئەڭ كۆپ ساياھەتچىلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان جاي بولۇپ قالغان.
زەلۋە خارابىلىكىنى 109 مىڭ 14، گۆرەمە دالا مۇزېيىنى 100 مىڭ 565 يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەت زىيارەت قىلغان.
بۇ رايوندىكى بۇ يىل زىيارەت قىلىنغان ساياھەت مەركەزلىرى بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە 2 مىليون 544 مىڭ 909 يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانىدى.