تۇنچ فەندىك 8000 مېتىرلىق چەكتىن ئاشىدىغان 14 تاغ چوققىسىنىڭ ھەممىسىگە يامىشىشتا غەلىبە قىلدى
دۆلەتلىك تاغقا يامىشىش ماھىرىمىز تۇنچ فەندىك 8000 مېتىرلىق چەكتىن ئاشىدىغان 14 تاغ چوققىسىنىڭ ھەممىسىگە يامىشىشتا غەلىبە قىلغان تۇنجى تۈرك تاغقا يامىشىش ماھىرىغا ئايلاندى.
2020676
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تىبەت (خىتاي)، نېپال ۋە پاكىستاندىكى ھىمالايا ۋە قاراكورام تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان 8000 مېتىرلىق چەكتىن ئاشىدىغان 14 تاغ چوققىسىنىڭ ھەممىسىگە چىقىشنى دۇنيادا 14 ئوخشىمىغان مىللەتتىن ئاران 49 كىشى تاماملىيالىغان ئىدى.
مىللىي تەنھەرىكەتچىمىز تۇنچ فىدىك 14 × 8000 لايىھەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان تۇنجى تۈرك تەنھەرچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن ئورۇن ئالدى.