شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك تۈرك كۈلتۈرى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە بۇ يىل (2023) ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك كۈلتۈرى فېستىۋالىغا شىۋېيېتسارىيەدە تۈرۈشلۇق تۈركلەر ئىنتايىن قىزىقىش ئىچىدە قاتناشتى.

1991734
شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك تۈرك كۈلتۈرى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىۋېيېتسارىيە تۈرك دىنىي فوندى جەمئىيىتى زۇرىخ شەھىرىنىڭ دىئېلسدورف رايونىدا ئۇيۇشتۇرغان فېستىۋالنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئوسمانلى باربانچى ئەترىتى نومۇر كۆرسەتتى شۇنداقلا ھاجىۋات ۋە قاراگۆز ئويۇنىمۇ كۆرسىتىلدى.

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى (YTB) نىڭ ھەسسە قوشۇشى بىلەن ت ر ت بالىلار قانىلىنىڭ ئەڭ سۆيۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «رافادان تەيفا» كۆرسىتىلدى، خەلق ئۇسسۇللىرى زىيارەتچىلەرنى شادلىققا چۆمدۈردى.

فېستىۋالغا قاتناشقان تۈركىيەنىڭ زۇرىختىكى باش كونسۇلى ھەسەن ئەمرە ئۇيغۇن ئۆتكەن يىلى (2022) فېستىۋالغا 30 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇ يىل بۇ ساننىڭ 40 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فېستىۋال ئەتە (2023-يىلى 29-ماي) ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر