دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ئاشقۇن ئوڭچى راسمۇس پالۇدانغا نارازىلىق بىلدۈردى

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ئاشقۇن ئوڭ قانات سىياسەتچى راسمۇس پالۇداننىڭ شىۋىتسىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1936125
دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ئاشقۇن ئوڭچى راسمۇس پالۇدانغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ئەرباش ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەممەيلەننى جامەلەردە قۇرئان ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىپ، «قۇرئاننىڭ دوستلىرى! بامدات نامىزىغا كېلىڭلار!» دېگەن چاقىرىقىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئەلى ئەرباشنىڭ چاقىرىقى ئۈنۈم بېرىپ، مەملىكەت مىقياسىدىكى بارلىق جامەلەردە كىشىلەر بامدات نامىزىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەلى ئەرباش ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىدە پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلدى ۋە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەردى.

ئەلى ئەرباش جامەدىكى سۆزىدە، «دۇنيا خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادى، كىتابى ۋە ئىرقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرسى شۇكى، ئۇرۇشتىمۇ بەزى نەرسىلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىنمايدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بالىلار، گۇناھسىزلار، ئاياللار ۋە ئىبادەخانىلاردۇر. ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ» دېدى.

ئەلى ئەرباش بىللە ياشاشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئېتىقادىغا، مەزھەپلىرىگە، ئىرقىغا ۋە تەن رەڭگىگە ھۆرمەت قىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «دۇنيا خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادى، كىتابى ۋە ئىرقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ۋە كىشىلەرنى قۇرئانغا دۈشمەن ئەمەس، دوست بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر