ۋاندا 3 ھۇجرىلىق ئۇرارتۇ قەبرىسى تېپىلدى

ۋاننىڭ ئەرجىس ناھىيەسىدە، ئۆلۈكلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن قىيا تاشقا ئويۇلغان سۇيۇقلۇق تەقدىم قىلىش ئورنى بار، 3 ھۇجرىلىق ئۇرارتۇ قەبرىسى تېپىلدى.

1933153
ۋاندا 3 ھۇجرىلىق ئۇرارتۇ قەبرىسى تېپىلدى
van urartu mezari.jpg
van urartu mezari1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان مۇزېيى ئئىدارىسى مۇدىرى فاتىھ ئەرەب بىلەن ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئارخېئولوگىيە بۆلۈمى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور رافەت چاۋۇشئوغلۇنىڭ رايوندا تارىخىي يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش خزمىتى دائىرىسىدە، ئىلگىرى ۋان كۆلىنىڭ سۈيىنىڭ تارتىلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇراتۇلارغا تەۋە ئىبادەت رايونىغا يېقىن جايدىن 3 ھۇجرىلىق ئۇرارتۇ قەبرىسى تېپىلدى.

دوكتور رافەت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن فاتىھ ئەرەب سۆڭەك ۋە ساپال بۇيۇملار تېپىلغان رايوندا تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

رافەت چاۋۇشئوغلۇ رايوندا ئۇرارتۇلار دەۋرىگە تەۋە مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇرارتۇ دەۋرىگە ئائىت كلاسسىك دروموسلار (يەنى قەبرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قويۇلغان ئىسىم) بىلەن كىرگىلى بولىدىغان بۇ قەبرىنىڭ ئاساسلىق چوڭ ھوجرىسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئىككى كىچىك ھۇجرىسى بار، ئۆلۈكلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىنىدىغان 3 يەر تېپىلدى. تاش قىيالىق ئىچىگە ئويۇلغان ھۇجرا قەبرىسى ئۇرارتۇلارنىڭ كلاسسىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇزۇنغىچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ» دېدى.

پىروفېسسور دوكتور رافەت چاۋۇشئوغلۇ بۇ قەبرىنىڭ ئۇرارتۇ بىناكارلىقى جەھەتتىكى مۇھىم يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ بىز تۇنجى قېتىم كۆرگەن ھۇجرىلىق قەبرە، بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى قەبرىنىڭ 3 ھۇجرىدىن تەشكىل تاپقانلىقى، كىرىش ئېغىزى ئۈستىدە تۆت چاسا شەكلىدە ئىككى بوشلۇقنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ ئۆلۈكلەرگە سوۋغا، سۇيۇقلۇق تەقدىم قىلىدىغان يەر ئىكەنلىكىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر