قاتارغا كەلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مەستانىلىرى ئىسلام بىلەن تونۇشماقتا

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى قاتارا مەدەنىيەت كەنتى جامەسى ئىسلام بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغان 2022 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزىقىش مەركىزىگە ئايلاندى.

1910300
قاتارغا كەلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مەستانىلىرى ئىسلام بىلەن تونۇشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارا مەدەنىيەت كەنتى جامەسىدە خىزمەت قىلىدىغان كۆپ تىللىق ئەر-ئايال دەۋەتچىلەر ساياھەتچىلەرگە ئىسلام دىنىنى ۋە مۆتىدىللىقىنى چۈشەندۈرمەكتە.

جامەنىڭ دەرۋازىسىدا زىيارەتچىلەر تېلېفوندا كۆرەلەيدىغان 30 دىن ئارتۇق تىلدا «ئىسلام» غا مۇناسىۋەتلىك ئېلېكترونلۇق تاختايلار ئورنىتىلغان بولۇپ، خالىغانلارغا يەنە ئوخشىمىغان تىللاردا ئىسلامنى تونۇشتۇرىدىغان كىتابچىلارمۇ تارقىتىپ بېرىلمەكتە.

دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن قاتارغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى نۇرغۇنلىغان كوچا ۋە دوقمۇشلارنىڭ تاملىرىدا ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىمۇ قارشى ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر